تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئورنىغا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى پومپىيو ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. پومپىيونىڭ ئورنىغا بولسا، جىنا خاسپېل قويۇلدى. جىنا خاسپېل مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان تۇنجى ئايال كىشى بولۇپ قالدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تىللېرسوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغانلىقىنى تۋىتتېر ئارقىلىق ئۇقتۇردى. ئۇ تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئۆز ئالدىمغا چىقاردىم. تىللېرسون بىلەن، ئىران قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقمىدى، تىللېرسون بىلەن چۈشەنچىلىرىمىز ئوخشاش ئەمەس ئىدى. پومپىيوغا تولۇق ئىشىنىمەن، دەسلەپتىن تارتىپلا پومپىيو بىلەن ياخشى چىقىشتۇق، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئارىسىدا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى بارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ، «ياخشىلاش ناھايىتى تەس» بولغان ھالغا ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلنىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر