پۇتىن سايلام نۇتۇقلىرىدا نېمە ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى بازارغا سالىدۇ؟

يېڭىچە يادرو قوراللىرى سىستېمىلىرى پۇتىننىڭ 18-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى.

پۇتىن سايلام نۇتۇقلىرىدا نېمە ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى بازارغا سالىدۇ؟

ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە، رۇس خەلقىنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ ئاچارچىلىق گىردابىدا ئىكەنلىكىگە قارىماستىن يادرو قورالى سىستېملىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ؟ ئۇ كىرىم تەقسىماتى، ئەركىنلىك، ھەق-ھوقۇققا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئەمەس، نېمە ئۈچۈن قورال-ياراغ توغرىسىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە رۇسىيەنىڭ رەقىپلىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ؟

رۇسىيە خەلقى ئەركىنلىك، ھەق-ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قۇدرەتلىك ئوبرازىغىلا تېگىشەمدۇ؟ پۇتىننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ «پۇتىنىزم» ئىدىيەسىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قىممەتلىك مۇلاھىزىلىرىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر