يەمەندە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 6 ئەسكەر ئۆلدى، پۇقرالار قوشۇلۇپ 44 ئادەم يارىلاندى.

917745
يەمەندە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2 ئاپتوموبىل بومبا ئەدەننىڭ ئەتتەھاۋى رايونىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلغۇچى قىسىملار بىناسىنىڭ ئالدىدا پارتلىتىلدى.

ھازىرغىچە رەسمىي دائىرىلەر پارتلاش توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى، ھەر قانداق شەخس ياكى تەشكىلات ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر