ئاراكاندا ھۆكۈمەت بىنالىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسى پايتەختى سىتۋەدە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

ئاراكاندا ھۆكۈمەت بىنالىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى باياناتچىسى ئاڭ مىيات مو شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04:00 ئەتراپىدا شەھەردە جەمئىي 3 جايدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، باشقا 3 يەردىن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبىلار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاڭ مىيات مو پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر ساقچى مەمۇرىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

ئالدىنقى شەھەرنىڭ ئاي مىرائۇك ئۇ ئانتىك شەھىرىدە نامايىش قىلماقچى بولغان بۇدىست نامايىشچىلارغا ساقچىلار ئوق چىقارغان ۋە 7 نامايىشچى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق نامايىشچى يارىدار بولغان ئىدى. 

ئارقىدىنلا ئۆلكە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق يېزا باشلىقى يول بويىدا ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈك ھالدا بايقالغان ئىدى.

بۇ جىنايەتلەرنى رادېكال بۇددىستلارنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

بۇ قېتىمقى بومبا ھۇجۇملىرىنىڭمۇ يەنە ئوخشاش مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

سىتۋەدە مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدا 2012يىلى  يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن 120 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمان شەھەرنى تاشلاپ ئەتراپتىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇددىستلار بولسا، شەھەر مەركىزىدە قالغان ئىدى.

بىرما ئەسكەرلىرى ئۆلكىنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى جەريانىدا مۇسۇلمانلارنى قەلتىئام قىلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپدىنمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.

بۇ قەتلىئاملار سەۋەبىدىن ئاۋغۇست ئېيىدىن بېرى تەخمىنەن 700 مىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى قوشنىسى باڭلادېشتا پاناھلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر