ھىندونېزىيەدە تاغ غۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە تاغ غۇلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 4 نارىسىدە بالا قازا قىلدى.
916827
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەدە چىقىدىغان «‹ Republika › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا جاۋانىڭ پۇربالىڭگا رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ غۇلاش ۋەقەسىدە 4 نارىسىدە بالا قازا قىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تۆلەم تۆلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سۇبتروپىك بەلباغقا جايلاشقان ۋە پات - پات پەسىللىك يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ھىندونېزىيەدە يىل بويى قاتتىق ياغىدىغان يېغىن سەۋەبىدىن دائىم دېگۈدەك يەر كۆچۈش ۋە تاغ غۇلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىكەن.