ئىراندىكى گونابادى تەرىقىتى مۇرىتلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا گونابادى تەرىقىتى لىدېرى نىمەتۇللاھ رەياھىنىڭ مۇرىتلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

914215
ئىراندىكى گونابادى تەرىقىتى مۇرىتلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا گونابادى تەرىقىتى لىدېرى نىمەتۇللاھ رەياھىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تەرىقەت مۇرىتلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 3 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى سەئىد مۇنتەزىرۇلمەھدى، نامايىشچىلاردىن بىرىنىڭ ئاپتۇبۇسنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ، 3 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە 3 ساقچىنى ئۆلتۈرگەن نامايىشچى بىلەن بىرگە ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار «ھاكىمىيەتكە قارشى» 8 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇنتەزىرۇلمەھدى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېڭى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېھراندا گونابادى تەرىقىتىنىڭ لىدىرى نىمەتۇللاھ رەياھىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغانىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نارازىلىق ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر