ماتتىس: سۈرىيەدىكى دىققىتىمىزنى چېچىۋاتقان مەسىلىلەردە، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان رايونلارنىڭ يەرلىك خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە، تۈركىيە بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ماتتىس: سۈرىيەدىكى دىققىتىمىزنى چېچىۋاتقان مەسىلىلەردە، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس ياۋروپا ساياھىتىدىن قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىرىغا جاۋاپ بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس «رايوندا دىققىتىمىزنى چېچىۋاتقان مەسىلىلەردە، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىمىز» دېدى.

فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماتتىس، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قانچىلىغان مەسىللەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر