تىللېرسون سىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن كۆرۈشتى.

تىللېرسون سىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى ۋە تىللېرسون بىلەن سىسىنىڭ دائېشقا قارشى بىرلەشمىگە ئەزا دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«بۇنىڭدىن باشقا (تىللېرسون بىلەن سىسى) يېڭى بىر ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى مەۋجۇت قويۇق رىشتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قەيت قىلىندى.

مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسىمۇ فەيسبۇك ئارقىلىق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە، لىۋىيە، سۇرىيە ۋە رايوندىكى كىرىزىسلارنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئالاقىدار قەدەملەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

باياناتتا، سىسىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئاساسىي قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەتلىك قارارلىرىغا مۇۋاپىق قەدەم تاشلاپ، مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

بۇنىڭدىن سىرت سىسىنىڭ، مىسىرنىڭ،  1967- يىلىدىكى چېگرالارنى ئاساس قىلغان ھالدا، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان مۇستەقىل شۇنداقلا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئادىل چارىنى تېپىپ چىقىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر