شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىنى ئەيىبلىدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنى «مۇشتومزورلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قانۇنسىز ئېمبارگو قارارلىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ مۇشتۇمزورلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللىغان قارارلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىقتىسادىنى ۋە خەلقىنى بوغۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە خەلقىنى مەۋجۈتلۇقىنى قوغداش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەگە يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەگە ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنىڭ ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا «شىمالىي كورېيەگە ئۆچمەنلىك قىلىش» دەپ باھا بېرىگەن باياناتتا، ئېمبارگولارنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى ۋە خەلقىنى بوغۇپ قويۇۋاتقانلىقى، شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭمۇ تارتىپ ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەمدە ئامېرىكىنى «مۇشتومزورلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قانۇنسىز ئېمبارگو قارارلىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر ئېمبارگولىرى تۈپەيلى شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىلىرى توسقۇنلۇققا ۋە دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ب د ت باش كاتىبى گۇتېررېسنى بۇ ئېبارگولارنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە قانۇنلۇق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق بىر مۇنبەر قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىندى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە 2006 – يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.  

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو تىزىملىكىدە، 78 كىشى ۋە 54 ئورگان بارلىقى مەلۇم.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر