سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 3 ئايدا 600 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قوغلاپ چىقىرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان ئىقامەت بىلەن ئىشلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قوغلاپ چىقىرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 3 ئايدا 600 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2017 – يىلى 15 – نويابىردىن 2018 – يىلى 11 - فېۋالغىچە بولغان ئارىلىقتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تەخمىنەن 600 مىڭ قانۇنسىز چەت ئەللىكنىڭ ئىقامەت، چېگرا مۇداپىئەسى ۋە خىزمەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نازارەتكە ئېلىنغانلاردىن 406 مىڭ چەت ئەللىكنىڭ ئىقامەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، 131 مىڭ 545 كىشىنىڭ خىزمەت قانۇنىغا زىت ئىشلارنى قىلغانلىقى، تەخمىنەن 62 مىڭ كىشىنىڭ سەئۇدى ئەربىستانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا چېگرا رايونلاردىن سوقۇنۇپ كىرىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ %67 نىڭ يەمەن پۇقراسى، %30 نىڭ ئېفوفيا پۇقراسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇشۇ جەرياندا قانۇنسىز يوللار بىلەن سەئۇدى ئەربىستاندىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان 504 كىشىنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىشكە تىرىشقانلارغا يادەمچى بولغان 182 كىشىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە تەۋە ئەلچىخانىلارغا تاپشۇرۇلۇپ، يول خېتى ئېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، يەنە بىر قىسىمىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ بولسا، رەسمىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر