ب د ت: ئۆتكەن يىلى 5 مىڭدىن ئارتۇق بالا جەڭچى قويۇپ بېرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئۆتكەن يىلى توقۇنۇش يۈز بەرگەن 20 دۆلەتتە جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان 5 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت: ئۆتكەن يىلى 5 مىڭدىن ئارتۇق بالا جەڭچى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئۆتكەن يىلى توقۇنۇش يۈز بەرگەن 20 دۆلەتتە جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان 5 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بىراق، ئون مىڭلارچە بالىنىڭ ھېلىھەم قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپىنىڭ بالىلار ۋە قوراللىق توقۇنۇشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى ۋىرگىنىيا گامبا، «خەلقئارا بالا جەڭچىلەردىن پايدىلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇش رايونلىرىدا ئون مىڭلارچە قىز – ئوغۇل بالىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، جەڭگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بالىلارنى قوراللاندۇرۇشقا قارشى ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلى 20 دۆلەتتىكى قوراللىق توقۇنۇشلاردا جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان 5 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گامبا، بۇ بالىلارنىڭ «قورقۇنچلۇق ھالەتتە» زوراۋانلىققا دۇچار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بالىلاردا ناھايىتى ئېغىر جىسمانىي ۋە پىسخىك ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن گامبا، بۇ بالىلارنى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتۇشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بىلدۈرۈلىشىچە، بالىلار ئەڭ كۆپ جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، بىرما، نىگېرىيە، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، سۇرىيە ۋە يەمەن قاتارلىقلار بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر