مىسىر دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

مىسىر ھەربىي سوت مەھكىمىسى دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۈسۈف قەرزاۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مىسىر دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت قاھىرەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي سوت مەھكىمىسى، 2015 – يىلى قاھىرەدە پولكوۋنىك ۋائىل تاھۇنغا سۇيىقەست قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان يۈسۈف ىەرزاۋىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. يۈسۈف قەرزاۋى ئادەم ئۆلتۈرۈش، يالغان خەۋەر تارقىتىش ۋە دۆلەتنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

سوت مەھكىمىسى يەنە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن ئابدۇرراھمان ئەلبەر، مەھمۇد گازلان، تاھا ۋەھدان، سەئىد ئۇلەيۋا قاتارلىق 26 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغان. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن مۇھەممەد كەمالنىڭ دەۋاسى بولسا ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر