ئىران سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

889464
ئىران سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك ئاتالمىش چېگرا قىسىملىرى قۇرۇپ چىقىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئامېرىكنىڭ بۇ قارارىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۇچۇق - ئاشكارا ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە سۈرىيەدىكى كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەدىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چېگىش ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى.

ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ئارقىلىق سۈرىيەدە توقۇنۇشتىن خالىي رايون قۇرۇپ چىقىپ، كىرىزىسنى كونتىرۇللۇققا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە مۇھىم ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئامېرىكا رايوندىكى ۋەيران قىلغۇچ سىياسەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، گەرچە كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ، ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۈرىيەدىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ئارقىلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىشىنىڭ يولىنى ئېچىشى لازىم» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ماقۇللانغانلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر