پۇتىن: بىرىنچى مەيدان رىقابەتتە كىم جوڭئۇن غەلىبە قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى تەرىپلەپ، «ئېنىقكى ئۇ تولىمۇ ئەقللىق ۋە يېتىشكەن سىياسەتچى» دېدى.

پۇتىن: بىرىنچى مەيدان رىقابەتتە كىم جوڭئۇن غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كورېيە يېرىم ئارىلى كىرىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بىرىنچى مەيدان رىقابەتتە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقىلىرى باشلىقلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيتىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك كىم جوڭئۇن بۇ مەيداندا غەلىبە قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەسلىسىنى ھەل قىلدى. قولىدا يادرولۇق ئوق باشلىرى بار. 13 مىڭ كېلومېتىرغىچە يېتىپ بارالايدىغان، دېمەك، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان، ھېچ بولمىغاندا ئېھتىماللىق ئىچىدىكى دۈشمەن تېررېتورىيەلىرىنىڭ ھەممىلا نۇقتىلىرىغا تەككۈزەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بار» دېدى.

كىم جوڭئۇننىڭ ھازىرقى كەسكىن ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا ۋە تىنجىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان پۇتىن: «ئېنىقكى ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق ۋە يېتىشكەن سىياسەتچى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر