ماكرون ترامپنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

ماكرون ترامپنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەر ئىران بىلەن 2015 – يىلى تۈزۈلگەن «يادرو كېلىشىمى» ۋە «شىمالىي كورېىيە كىرىزىسى» ھەققىدە تېلېفون ئۇچرىشىشى ئېلىپ بارغان. ماكرون فىرانسىيەنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن «يادرو كېلىشىمى» گە پۈتۈنلەي رىئايە قىلىش ۋە كېلىشىمنى ئىمزالىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە رايونلۇق سىياسىتى ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن دىيالوگ ئورنىتىلىشىدىن سىرت يەنە، كېلىشىمگە تولۇق رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 8 – 10 – يانۋار كۈنلىرى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن شىمالىي كورېىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ترامپقا مەلۇمات بەرگەن،  يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورېىيە بىلەن جەنۇبىي كورېىيە ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئالاقە ئورنىتىلىشىنىڭ ئىجابىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئاخىرىدا، كورېىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش ۋە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «قەتئىي ئىرادە سىياسىتى» نى داۋاملىق يولغا قويۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر