سومالىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئادەم بومبا ھۇجۇم يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى.

868281
سومالىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ ساقچى ئاكادېمىيەسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

مۇقدىشودىكى ساقچىلار تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان مەكتەپكە سوقۇنۇپ كىرگەن بىر ئادەم بومبا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان.

بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 20-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھەربىي پارات مۇراسىمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەش-شەباب تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان «سومالى مىمۇ»تور بېتىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ تەشكىلات تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر