شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى ئېلان قىلىندى

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى ئېلان قىلىندى.

شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ «ئىشغالىيەت» ئاستىدىكى پايتەختى سۈپتىىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا پۈتكۈل دۇنيانى شەرقىي  قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ «ئىشغالىيەت» ئاستىدىكى پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغانىدى.

مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى ئالىي باشىقلار يىغىندا شەرقىي قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى مۇئەييلەنلەشتۈرۈپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى ئەيىبلگەن خۇلاسە دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ھاكىمىيىتى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى رولىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك، ئامېرىكا قۇددۇس قارارىدىن ۋاز كەچمىسە كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەردىن مەسئۇل قالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر