رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسىنى كېڭەيتىدىغان بولدى

رۇسىيە سۈرىيەدە ھەربىي بازىسىدىكى مۇقىم ياكى مۇقىمسز مۈلۈكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك ساندا ئەسكەر توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.

867640
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسىنى كېڭەيتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سۇرىيەنىڭ تارتۇس شەھىرىگە جايلاشقان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي بازىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېلىشىمىنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇماغا سۇندى.

دۇما تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 49 يىللىق كېلىشىم بىلەن قۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ تارتۇس شەھىرىدىكى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي بازىنى كېڭەيتىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېلىشىمگە بىنائەن، رۇسىيە ھەربىي بازىسى سۈرىيەنىڭ ئامىمىۋى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا تۇتۇلغان بولىدۇ. رۇسىيە رايوندىكى ئورتاق مۇئەسسەلەرنى ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەستىن ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ.  

رۇسىيەنىڭ بازىدىكى مۇقىم ياكى مۇقىمسز مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىنى تەكشۈرۈشتىن، مۇسادىرە قىلىنىشتىن ۋە باشقا رەسمىيەتلەردىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا ھالغا كەلتۈرىدىغان مەزكۇر كېلىشىم، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېتىراز بولمىغان ئەھۋالدا يەنە 25 يىللىق ئۇزارتىلغان بولىدۇ.

كېلىشىمدە يەنە، «رۇسىيە، دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە مۇئەسسەلەرنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك  ساندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھۇقۇقىغىمۇ ئىگە» دېگەن ماددىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر