سۈرىيەدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە چېكىنىشكە يوليۇرۇق بېرىلدى
پۇتىن سۈرىيەدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ئۈچۈن يوليۇرۇق چۈشۈردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيەدىكى رۇسىيە قىسىملىرىنى سۈرىيەدىن چېكىنىش ئۈچۈن يوليۇرۇق چۈشۈردى.
رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى رىيا پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە قىسىملىرىغا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش توغرۇلۇق يوليۇرۇق بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئاگېنتلىق بۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كۈتۈلمىگەن ھالدا سۈرىيەگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن سۈرىيەدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ھىمەيمىن ھاۋا ئارمىيە ھەربىي بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن ۋىلادىمىر پۇتىن، سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە چېكىنىپ چىقىشقا يوليۇرۇق چۈشۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.