ھەسەن رۇھانى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ
ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
865599
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئەتە (12-دېكابىر) ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرۋىز ئىسمائىل تۋىتتېردا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇھانىنىڭ چارشەنبە (13-دېكابىر) كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىران باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبراھىم تاھەرىيان، ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە يىغىنلارغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.