«دائېشقا قارشى مۇتلەق ھالدىكى زەپەر تېخى قولغا كەلگىنى يوق»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى راينېر بىرۇل ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادىنىڭ دائېشنى مەغلۇپ قىلغانلىقىغا دائىر باياناتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

866105
«دائېشقا قارشى مۇتلەق ھالدىكى زەپەر تېخى قولغا كەلگىنى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى راينېر بىرۇل تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا قارشى مۇتلەق ھالدىكى زەپەرنىڭ تېخى قولغا كەلمىگەنلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ غەيرى سىممېترىك تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

راينېر بىرۇل بۈگۈن پايتەخت بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادىنىڭ دائېشنى مەغلۇپ قىلغانلىقىغا دائىر باياناتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەھدىتىنىڭ ئىراقتا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «دائېش رايوندا يېڭىلدى. بىراق ھازىرمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە غەيرى سىممېترىك تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. دائېشقا قارشى مۇتلەق ھالدىكى زەپەر تېخى قولغا كەلگىنى يوق» دېدى.

راينېر بىرۇل دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئىراقتا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە تورنادو تىپلىق گېرمانىيە چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ۋەزىپىسنى ئۈلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن سايبېرت بولسا، يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن قۇددۇس نامايىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ قوبۇل قىلغان باياناتلىرىغا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىراق گېرمانىيەدە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قىلىنىشىغىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر