ترامپنىڭ قارارىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ھازىرغىچە 231 پەلەستىنلىك يارىلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى شەرقىي قۇددۇس ۋە غەززە قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ھازىرغىچە 231 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

865025
ترامپنىڭ قارارىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ھازىرغىچە 231 پەلەستىنلىك يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى»سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي قۇددۇس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە قاتارلىق رايونلاردا ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 231گە يەتتى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي قۇددۇسنىڭ سالاھەددىن كوچىسىدا 12، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللاھ، بەيتۇللاھىم، تۇلكەرىم ۋە نابلۇس شەھەرلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرى ئاستىدىكى غەززەدە 219 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە چېگراسىدا ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا 20 جايدا توقۇنۇش چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 600دەك پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تاش ئېتىپ، ئاپتوموبىل چاقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، غەززە چېگراسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تەخمىنەن 450پەلەستىنلىك ئارىسىدا ۋەقە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي قۇدۇدۇستا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا، 13 پەلەستىنلىكنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 4 ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ يىنىك يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر