ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن قاتار ئەمىرى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق كۆرۈشتى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلى سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن قاتار ئەمىرى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى»سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشى توغرۇلۇق قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلى سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىيوردانىيە خانلىق دىۋانىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىمنىڭ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھقا تېلېفون قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا كۆرە، ئابدۇللاھ كۆرۈشۈشتە دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پادىشاھ ئابدۇللاھ  يەنە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش لازىملىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر