ئابباس: ترامپنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايمىز

پەلەسىتن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابباس: ترامپنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابباس ئشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھ شەھىرىدىكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق ھەم بارلىق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ھەم تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدىكى رولىنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پىلاننى رەت قىلىمىز ھەم ئەيىبلەيمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بارلىق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزدى ھەم ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدىكى رولىنى يوقاتتى. بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى تىنچلىق مۇساپىسىنى ھېمايە قىلىش يولىدا ئوينىغان رولىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدۇر. بۇ قارار ئىسرائىلىيەنى كېلىشىملەرگە رىئايە قىلماسلىق، خەلقئارا قانۇنغا دۇئېل ئېلان قىلىش، پەلەسىتننى يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا ئايلاندۇرۇش، ئىشغالىيەت، ئىرىقچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش نىشان قىلىنغان بىر مۇكاپاتتۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇددۇس قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پەلەسىتن داۋامىز بۈگۈن مۇھىم بىر ئاچالغا كېلىپ قالدى. ئامېرىكا بۇ قارارى ئارقىلىق خەلقئارالىق ۋە ئىككى تەرەپلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەر ۋە كېلىشىملەرگە قارشى چىقىش يولىنى تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىش يولىنى تاللىدى.»

پەلەسىتن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابباس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ بۇ قارارى ھەم قۇددۇسنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم ئىسرائىلىيەنى قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. قۇددۇس ئەرەب، ئىسلام ۋە خىرىستىيان كىملىكى بىلەن پەلەسىتن دۆلىتىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى سۈپىتىدە قالىدۇ. دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇش مىسلىسىز تىركىشىش كۈچىگە ئىگە قۇددۇسنى ھەرگىزمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر