ئەتە ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىرىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەتە ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.

ئەتە ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى»سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ب د ت دىپلوماتلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى مىسىر، ئىتالىيە، سېنېگال، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، ئۇرۇگۋاي، فىرانسىيە ۋە بولىۋېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىكەن.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسمۇ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇددۇس مەسىلىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.»

گۇتېررېس ب د ت باش كاتىپى بولغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئەھۋاللار توغرۇلۇق توختىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، قۇددۇسنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «يۈزلەرچە يىلدىن بۇيان بۇ مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ، شۇنى ئوچۇق ئېيتىمەنكى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا چارە يوق، پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ب پىلان ئىشقا يارىمايدۇ.»

گۇتېررېس ھەر قانداق مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرىنى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ۋە رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى (Federica Mogherini)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

موگېرىنى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇددۇس مەسىلىسىگە تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى ۋە قۇددۇسنىڭ كەلگۈسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختى بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

موگېرىنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 478 نومۇرلۇق قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن خەلقئارا كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىپ مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتىدۇ ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگۈچە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىمىزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلمايدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن  كېڭەش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى بۇرۇن قانداق قوللاپ كەلگەن بولسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر