ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېىتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي قۇددۇس پايتەختى بولغان مۇستەقىل ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا بىر پەلەسىتن دۆلىتى مەۋجۇت بولمىغۇچە ئوتتۇرا شەرقتە ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق 13 – دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان ئەردوغان، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر