ئەنگلىيە: «دائېشقا قاتناشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلىشى كېرەك

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قېتىلىپ نام چىقارغان ئىنگىلىزلەر ئارىسىدا، جىھاتچى جون ۋە ساللىي جونېس قاتارلىق داڭدارلارمۇ بار.

ئەنگلىيە: «دائېشقا قاتناشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋىن ۋىللىيامس تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاتناشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

گاۋىن ۋىللىيامس «Daily Mail» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆھبتىدە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېشقا قاتناشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرى سانىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 800 كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلاردىن 130 كىشىنىڭ توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گاۋىن ۋىللىيامس: «نە بۇ دۆلەتلەردىن، نە باشقا دۆلەتلەردىن ھېچ بىر تېررورچىنىڭ ئەنگلىيەگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى لازىم. بۇ تەھدىتلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەممە ئىشنى قىلىش لازىم» دېدى.

گاۋىن ۋىللىيامس دائېشقا قاتناشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا نىسبەتەن چەت ئەللەردىمۇ ھېچقانداق خاتىرىجەم يەر بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «سۈرىيەدە، ئىراقتا ۋە باشقا رايونلاردا ھەر قانچە ئايرىلىپ تارقىلىپ يۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ھەرگىز بوش قويمايمىز، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم ئىنتايىن ئاددىي. ئۆلۈك تېررورچى ئەنگلىيەگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋىن ۋىللىيامس 41 ياشلىق بولۇپ، ئۇ تېخى 1 ئاي ئىلگىرى جىنسىي جىنايەتكە چېتىشلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن مىچەل فاللوننىڭ ئورنىغا مىنىستىر بولغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قېتىلىپ نام چىقارغان ئىنگىلىزلار ئارىسىدا، جىھاتچى جون ۋە ساللىي جونېس قاتارلىق داڭدارلارمۇ بار.

ئىلگىرى ئاتاقلىق راك مۇزىكا سەنئەتچىسى بولغان جونېس ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەرنى بوغۇزلىغان ۋىدېئوسى تارقىلىپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جىھاتچى جوننىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

جۇنىسنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فاللون، «دائېشقا قېتىلغان پۇقرالىرىمىز قانۇنلۇق ھۇجۇم نىشانىمىزدۇر» دېگەن ئىدى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئاندىرېۋ پاركېر نويابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىىدا، دائېشقا قېتىلغان ئەنگلىيەلىكلەر قايتىپ كەلگەندە خەۋپ ئانالىزىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر