خەلقئارا جەمئىيەت ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارقا – ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى.

خەلقئارا جەمئىيەت ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بىناسى ئالدىغا توپلانغان ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرى ۋە باشقا دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

«قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش» قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى، قارارنىڭ ھەم ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشى ۋە پەلەستىن ئۈچۈن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلغان جامائەت ئەربابلىرى، ترامپنىڭ قارارىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پەلەستىن ئۈچۈن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇسامە ئەبۇ ئىرشاد، «بۇ قارار، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە. پىرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا ھەم ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا ئىشارەت قىلماقتا ھەم ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمنى كېچىكتۈرمەكتە. ترامپ رېئاللىق توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق نۆۋەتتە قۇددۇس ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىدۇر» دېدى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى باشلىقى نىھاد ئەۋۋاد بولسا، «بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ۋە پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈندۇر. ترامپ بۈگۈن بۇ قارارىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىغا قانداق ھەسسە قوشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىللىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ۋەكىلى ستېۋېن مارتىن، نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قۇددۇسنى ئەمەلىي پايتەختتەكلا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بىراق شەرقىي قۇددۇسنىڭ قۇرۇلىدىغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ترامپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر تەرەپلىمە بۇ قارارى ئارقىلىق رايوندىكى ئوتقا بېنزىن چاچماقتا» دېدى.

ئامېرىكىدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن «دەرھال تىنچلىق ئورنىتىش تەرەپدارى ئامېرىكىلىقلار» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى پوپ ئالانا سۇسكىنمۇ سۆز قىلىپ، «بۇ قەدەمنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق بىر قەدەم ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ نە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ نە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ قىلىنغان ئىش ئەمەس؛ بۇ قەدەمنىڭ غەرىزى دىققەتنى بۇراشتۇر. بۇ دىنىي ئەمەس، سىياسىي توقۇنۇشتۇر ۋە بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەستۇر» دېدى.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جەرياندا مىسىردىكى سىياسىي پارتىيە ۋە ھەرىكەتلەر، ھۆكۈمەتتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترۆم، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېنتو مۇرسۇدىمۇ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ پەقەت ئوتتۇرا شەرقنىلا ئەمەس، باشقا رايونلارنىمۇ مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىندونېزىيە ئۆلىمالار مەجلىسى، ترامپنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىيوردانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلمۇمەنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قەدەمنى تاشلاش ئارقىلىق خەلقئارالىق قانۇنلۇق ھۆججەتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «خەلقئارا قانۇن قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە مۇزاكىرە قىلىش ۋە كېلىشىم ئارقىلىق قارار قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قۇددۇسنى يېڭى بىر سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش غەرىزىدە تېڭىلىۋاتقان پۈتكۈل بىر تەرەپلىمە سىياسەتلەرنىڭ بىكار ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مۇمەنى، ئىيوردانىيەنىڭ سۈركىلىشنى ئۇلغايتىدىغان بۇ قارارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، بۇ قارارنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتتا، قارارنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىغا ھەل قىلغۇچ چارە تېپىش يولىدىكى بارلىق مۇزاكىرە ۋە ئۇرۇنۇشلارنى دەخلىگە ئۇچراتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قەدىمىنىڭ قۇددۇسنىڭ ئىشغال ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە ئىشغالغا خاتىمە بېرىش يولىدىكى خەلقئارالىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ خەتەرلىك بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت  ۋە خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە ئاشكارا خىلاپ بىر قارار چىقىرىپ، ئۇزۇندىن بۇيان تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن جانلىنىش ئېھتىمالىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، بۇ قارارنىڭ رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت، پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى.

تۇنىستىكى نەھدە ھەرىكىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتتا، باشتا مۇسۇلمانلار بىلەن ئەرەبلەر بولۇپ دۇنيادىكى بارلىق ئەركىن پىكىر ئىگىلىرىنىڭ تۇيغۇلىرىغا قارشى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ قارارنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نەھدە ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان مەزكۇر باياناتىدا، خەلق، ئەتە پايتەخت تۇنىستىكى مۇھەممەد ئەلى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىلدى.

كۇۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – كۇنا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىنى مەنبە قىلىپ، كۇۋەيتنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. قارارنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، ترامپتىن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىندى. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ، «بۇ بىر تەرەپلىمە قارار، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپتۇر. شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغىمۇ خىلاپتۇر» دېگەنلىكىگە ئورۇن بېرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تەقىب قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. باياناتتا، سەۋەبسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى. باياناتتا يەنە، «سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ قەدەمنى تاشلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ خەلقئارانىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگەن قۇددۇسقا ئالاقىدار تارىخىي تەۋرەنمەس ھەق – ھوقۇقلىرىغا قارشى ئېغىر تەرەپ تۇتۇشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر