تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سوچىدا چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە - رۇسىيە - ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنىدىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىندى.

853231
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سوچىدا چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە - رۇسىيە - ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىيە يىغىنىدا، كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىگنالى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىش مەسىلىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئازايتىش يولىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئۈچ دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، تاشلىنىدىغان سىياسىي قەدەملەرنىڭ بۇ پىرىنسىپلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كاپالەتچى دۆلەتلەر، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئىشەنچ بېغىشلىغۇچى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلدى. مەزكۇر تەدبىرلەرنىڭ تېز، بىخەتەر ۋە سىجىل ياردەم قىلىش، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، جەسەتلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋە يوقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۈچ دۆلەت مەزكۇر قوشما باياناتىدا، چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا «سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بۆلۈنمەس خاراكتېرى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان ئۆكتىچىلەر» دەپ ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ پ ك ك  / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى باياناتتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولدى.

قۇرۇلتايغا چاقىرىلىدىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق قارارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ مۇساپىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەردوغان، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، سۈرىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ سىياسىي چارىگە ھەسسە قوشۇشى كۆزدە تۇتۇلغان بىر مۇنبەردە تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ب د ت رىياسەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان جەنۋە سۆھبەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋە سۆھبەتلىرىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا، ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن بىرگە، ئۈچ كاپالەتچى دۆلەتنىڭ «ئۆزئارا سەزگۈر مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە يارىشىش چۈشەنچىسى» دە چىڭ تۇرۇشلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر