ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئاقساراي بىلەن كرېمىل سارىيى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

852720
ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە سۈرىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە، ئافغانىستان ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا بولسا، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى تېررورىستلارنى يوقىتىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ۋە سۈرىيەدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. پىرېزىدېنت پۇتىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى، ئاستانادا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ۋە 2017-يىل 11-نويابىر ۋىيېتنامدا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە باياناتقا ئاساسەن، سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان.

پىرېزىدېنت پۇتىن بەششار ئەسەد بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ترامپقا مەلۇمات بەرگەن. پۇتىن بىلەن بەششار ئەسەد 20-نويابىر كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە، بەششار ئەسەد مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان پۇتىن-بەششار ئەسەد كۆرۈشۈشىنىڭ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرى بۈگۈن (22-نويابىر) سوچىدا ئاچىدىغان يىغىندىن بۇرۇن ئەمەلگە ئېشىشى زور دىققەت قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر