سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەۋج ئالىدىغاندەك قىلىدۇ

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قاتارلىق بەزى تەشكىلاتلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىك ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە تەۋە ئورگانلارنى، جامە ۋە ئىبادەتخانىلار بىلەن ئامېرىكىلىق ۋە غەربلىكلەر كۆپ بارىدىغان جايلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

852477
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەۋج ئالىدىغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىش خەۋپى بارلىقىنى ۋە يەمەندىن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بوبا ئېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ساياھەتكە بارماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ 29 – مارتتا ئېلان قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئورنىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رىياد، جىددە، داھران قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بارلىق رايونلىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىك ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە تەۋە ئورگانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، جامە ۋە ئىبادەتخانىلار بىلەن ئامېرىكىلىق ۋە غەربلىكلەر كۆپ بارىدىغان جايلارنىڭ تېررورلۇقنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىش خەۋپى بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا جىددە ۋە كاتىفتە بىر يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ھۇجۇملار مىسال كەلتۈرۈلدى. يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، يەمەنلىك خۇسىيلار ئاتقان بالىستىك باشقۇرۇلىدىن بومبىلارنىڭ رىياد ۋە جىددىگىچە يېتىپ كېلەلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

باياناتتا يەنە، يەمەنلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چېگرا ھالقىپ توپقا تۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ جىزان ۋە نەجران شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستان - يەمەن چېگراسىغا 80 كېلومېتىر كېلىدىغان جايلارنىڭ ھېچ بىرىگە ساياھەتكە بارماسلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونلاردىكى ۋىزا ۋە كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرىنىڭمۇ چەكلىك ھالغا چۈشۈرىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇ رايونلارغا ساياھەتكە بارماسلىقى لازىملىقى قاتتىق جىكىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر