ھەسەن رۇھانى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يوقۇلىدىغان كۈنى كەلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى قاسىم سۇلايمان، دائېشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدە دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامانىيغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

851706
ھەسەن رۇھانى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يوقۇلىدىغان كۈنى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يوقۇلىدىغان كۈنى كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھەسەن رۇھانى بۇ باياناتىنى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئېلان قىلدى.

رۇھانىنىڭ باياناتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئارقىمۇ ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەتنى تارتتى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس تارمىقى قوماندانى قاسىم سۇلايمان، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ رەسمىي تور بېتى بولغان « Sepah News» بېتىدىكى باياناتىدا، دائېشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدە دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامانىيغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس تارمىقى بىۋاستە دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامانىينىڭ رەھبەرلىكىگە تەۋە بولۇپ، چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل ئالاھىدە قىسىم دەپ قارىلىدۇ

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر