ئەرەب ئىتتىپاقى ئىراننىڭ تەسىرى توغرىسىدا يىغىن چاقىردى

ئەرەب ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى «ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرى» نى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە قاھىرەدە يىغىن چاقىردى.

850867
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىراننىڭ تەسىرى توغرىسىدا يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپى بىلەن، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئەرەب ئىتتىپاقى مەركىزىدە ئىران مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا، مىنىستىرلار ئىراننى ھۇسىيلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەپ، تېھراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئورتاق «ئەرەب پوزىتسىيەسى» نى بەرپا قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ ھۇسىيلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 332 بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى. بۇ بومبىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش، ئۇ بولسىمۇ، ئىران. ئىران ئەرەب دۆلەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان قوراللىق كۈچلەرنى قوللاۋاتىدۇ» دېدى.

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن ئەھمەت ئەلخالىفە لىۋانغا چاقىرىق قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«لىۋان ھىزبۇللاھنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن، ئىراق، سۈرىيە، يەمەن ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەردە پەيدا قىلغان بارلىق ھۇجۇملىرىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.»

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلخالىفە ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ رايوندا نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىرىنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلات» خۇسۇسىيىتىدىكى «ھىزبۇللاھ» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەلخالىفە ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنىڭ خەتەرلىك سەۋىيەدە ئېشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىراننىڭ رايوندىكى گۇرۇپپىلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەن تەھدىتكە قارشى، ئەرەب ئىتتىپاقىغا مىللىي بىخەتەرلىكنى قانداق قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەت چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر