فىرانسىيەدە بىر ساقچى قېيىنئاتىسى بىلەن قوشۇپ 3 كىشىنى ئۆلتۈردى

ساقچى مەمۇرىنىڭ جىنايەتتىن كېيىن ئۆيىنىڭ باغچىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

850439
فىرانسىيەدە بىر ساقچى قېيىنئاتىسى بىلەن قوشۇپ 3 كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ساركېلللېس پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا بىر ساقچى مەمۇرى قېيىنئاتا ۋە قوشنىلىرى ئىكەنكىلى بىلدۈرۈلگەن 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 

«Le Parisien» گېزىتى ساقچى مەمۇرىنىڭ قورال بىلەن دەسلەپتە قېيىنئاتىسى ۋە قېيىنئانىسىنى ئاتقانلىقىنى ئاندىن، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان قوشنىلىرىغا يۈزلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى يېتىپ كېلىپ، ئۆينىڭ ئېچىدىن قېيىن ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى ۋە ئېغىر يارىدار بولغان قېيىنئانىسىنى تېپىپ چىقتى. 

قوشنىلىرىدىن بىرسىنىڭ جەسىتى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە، يەنە بىرسىنىڭ جەسىتى ئاپتومۇبىلنىڭ يېنىدا تېپىلدى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ساقچى مەمۇرىنىڭ بولسا، جىنايەتتىن كېيىن ئۆيىنىڭ باغچىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا. جىنايەتنىڭ ئائىلە ئىچى چۈشىنىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر