ئىراندا يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان تالاپەت بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەيدانغا كەلگەن ئىراق مەركەزلىك 7.3 بال يەر تەۋرەش تۈپەيلى ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 407 گە يەتتى.

847107
ئىراندا يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان تالاپەت بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەملىكەتلىك كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەھنام سەئىدى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 407 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 6700 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىران مەملىكەتلىك كىرىزىس بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى مۇدىرى ئىسمائىل نەججار بولسا، ئاپەتنىڭ ناھايىتى كەڭ رايوندا يۈز بەرگەن بولۇشىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، «قەسرى شېرىن ۋە سەرپۇلزىھابقا قاراشلىق يېزىلار تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان يېزىلاردۇر. ئاپەتنىڭ ناھايىتى كەڭ رايوندا يۈز بەرگەن بولۇشى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە سەۋەب بولماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر