تالىبان قەندىھاردىكى ساقچى پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قەندىھار شەھىرىدىكى ساقچى پونكىتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 22 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

تالىبان قەندىھاردىكى ساقچى پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى زىيا دۇرانى، تالىباننىڭ تۈنۈگۈن كەچتە مەيۋەند ۋە جىرەي ناھىيەلىرىدىكى ساقچى پونكىتلىرىغا ئوخشاش ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 22 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 15 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇرانى، ھۇجۇمدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشنىڭ ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقانلىقىنى، تالىبان ئەزاسى 40 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 35 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تالىبان بولسا، ھۇجۇمدا 40 تىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر