پادىشاھ سەلمان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى رىيادتا ئۇچراشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، پايتەخت رىيادتا كەڭ كۆلەملىك سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پادىشاھ سەلمان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى رىيادتا ئۇچراشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا، سەئۇدى ئەرەبىستان ساھىبخانلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتقان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى يىغىنىنىڭ 22 – نويابىردىن 24 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، ھۆكۈمەت تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە بۇ جەھەتتە رايون مىقياسىدا ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەلىپىنى نەزەرگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپ ئىشتىراك قىلىدىغان بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئوخشاش بولمىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى بىر نىشان ئاستىغا توپلاش ۋە ب د ت  بايرىقى ئاستىدا باشلانغان جەنۋە دىيالوگ سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدىكەن .

خەۋەردە، يىغىنغا چاقىرىلىدىغان گۇرۇپپىلارغا دائىر تەپسىلاتلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر