ھىندىستاندا 12 مېتىر تونىل قېزىپ بانكا بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

بۇلاڭچىلارنىڭ بۇ بانكىنى بۇلاش ئۈچۈنلا 6 ئاي ئىلگىرى بانكىغا يېقىن يەردىن بىر دۇكاننى ئىجارە ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھىندىستاندا 12 مېتىر تونىل قېزىپ بانكا بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا تەخمىنەن 12 مېتىر تونىل قېزىپ بانكا شۆبىسىگە كىرگەن بۇلاڭچىلار 250 مىڭ دوللار ئەتراپىدا نەق پۇل ۋە ئالتۇنلارنى ئوغرىلاپ كەتتى.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، بومباي شەھىرىدىكى «بارودا بانكىسى شۆبىسى»دە خۇسۇسىي ئامانەت ساندۇقچىلىرى بار بۆلۈمگە يەر ئاستىدىن تونىل قېزىپ يېتىپ بارغان بۇلاڭچىلارنىڭ تەخمىنەن 250 مىڭ دوللار نەق پۇل ۋە زىبۇ - زىننەت بويۇملىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار، ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر ۋە كەڭلىكى 1 مېتىر تونىل ئارقىلىق بانكا بۇلاش ۋەقەسى سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىدا، بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىنى تۈنۈگۈن ئىشقا بارغان بانكا خادىملىرىنىڭ بايقىغانلىقى ۋە جىنايەتنىڭ يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. بۇلاڭچىلارنىڭ بۇ بانكىنى بۇلاش ئۈچۈنلا 6 ئاي ئىلگىرى بانكىغا يېقىن يەردىن بىر دۇكاننى ئىجارە ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئىجارە ئالغان كىشىنىڭ دۇكاننى بىر قانچە ئاي ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، دۇكاننى دوستلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن رايوندىن يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 

بۇلاڭچىلارنىڭ 2 ئاي بويىچە كېچىسى تونېل قېزىپ، چىقارغان توپىلارنى دۇكاننىڭ ئۇدۇلىدىكى بىكار يەرگە تۆككەنلىكى ئېنىقلاندى. 

ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈۈش باشلىدى ۋە دۇكاننى ئىجارە ئالغان كىشىنى ئىزدەپ تۇتۇش  خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر