ئىراقتىن ئىرانغا نېفىت ئېكسپورت قىلىنىدۇ

باغداد ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىن ئىرانغا نېفىت ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقتىن ئىرانغا نېفىت ئېكسپورت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى جەببار لۇئەيبى ئىراق نېفىت شىركىتى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا، كەركۈكتىن ئىرانغا كۈنىگە 30 – 60 مىڭ ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىنىشى  نىشان قىلىنغان كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن نېفىت يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارقىلىق  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىراننىڭ كەرمەنشاھ شەھىرىگە يېقىن نۇقتىدىكى چېگرا ئېغىزىغا توشۇلىدىكەن، ئىران نېفىتنى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا ئېغىزىدىن تاپشۇرۇۋالىدىكەن.

لۇئەيبىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باغدادنىڭ نىشانى تۈركىيە، ئىران، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ نېفىت ھەم ئىستىراتېگىيەلىك  لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر