پۇتىن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچلىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان تەقدىردە، موسكۋانىڭ بۇنىڭغا دەرھال ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

831046
پۇتىن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋالداي مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچلىرى كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياساش ئارقىلىق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «ھاۋا ۋە دېڭىزدا روياپقا چىقارغان سىستېمىلار بولمىغان بولسا ئىدى، بۇنىڭغا ئېھتىياج تۇيۇلغان بولاتتى. بىراق، بۇ كېلىشىم پەقەت قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققان تەقدىردە، موسكۋانىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋادىن ئىشلىتەلەيدىغان سىستېمىلىرى بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن كېلىشىم ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورالىسزلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

پۇتىن، رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە كالىبىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىستېمىلارنى روياپقا چىقارغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئەمدى مۇۋازىنەت پەيدا بولدى» دېدى.

ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچلىرى كېلىشىمى، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچوۋ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رونالد رېگان تەرىپىدىن 1987 – يىلى 8 – دېكابىردا ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر