«ئەي بارزانى! سەن كەركۈكتە نېمە قىلىۋاتىسەن»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي بارزانى! سەن كەركۈكتە نېمە قىلىۋاتىسەن»

«ئەي بارزانى! سەن كەركۈكتە نېمە قىلىۋاتىسەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىراقنىڭ شىمالىدا رايوننىڭ پەرقلىق كىملىكلىرىدىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى نەزەرگە ئالماستىن ھەرىكەت قىلغان شىمالىي ئىراق كۈرت (كورت)رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 مەسئۇد بارازىنىڭ كەركۈكنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بارزانى <كەركۈك ماڭا تەئەللۇق> دەۋاتىدۇ، سەن نېمىگە ئاساسەن كەركۈكنى مېنىڭ دەيسەن، ئىراقتا بۇ سەۋەبتىن تۆكۈلگەن قاننىڭ جاۋابكارى دەل ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر