ئىراق پىرېزىدېنتى كەركۈك توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتى 25-سېنتەبىردە ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز رېفېراندۇمنىڭ باغداد بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

829664
ئىراق پىرېزىدېنتى كەركۈك توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇم كەركۈك ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شەھەردىكى نېفىت ئەسلىھەلىرى، ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كەركۈك خەلقىنى قانۇنغا بويسۇنۇپ، نورمال تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ يىرىكلەشكەن تەرەپلەرنى سىياسىي ۋە مەمۇرىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، بۇنى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن رېفېراندۇم سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كىرىزىسلەرنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئاساسىي قانۇنغا تاياندۇق» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دېموكراتىك ۋە فېدېراتسىيە ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە كېلەچەكتىكى سايلاملارنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن زۆرۈر قانۇنلار چىقىرىلىشى كېرەك. ئىراق خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىمىز.»

ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ: «شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنى رېفېراندۇمنىڭ ھەممىدىن بەكرەك كۈرت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردۇم. ئىراق بايرىقى بارلىق ئىراق خەلقىنىڭ، شۇڭا دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئېسىلىشى كېرەك. ھېچقانداق ئىچكى ئۇرۇشقا كىرمەيمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېيتقاندەك، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىنى پۈتكۈل دۆلەتتە ئىجرا قىلىش ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن» دېدى.

ئۇ كەركۈك خەلقىگە زىيان بەرمەسلىك، كەركۈك ۋە تالاش-تارتىش ئىچىدىكى رايونلاردا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە، كەركۈك ھەربىي ھەرىكىتىدە پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) نىڭ توقۇنۇشتىن چېكىنىشىنىڭ كەينىدە، «شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىدە ئۈچ ئايرىم فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش» شەرتى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر