پاكىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
پاكىستانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
829581
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇئەتتا شەھىرىنىڭ سارىئاب رايونىدىكى كۇئەتتا – سىببى يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا 35 كىشىلىك ساقچى ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلاپ، 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 22 كىشى يارىلانغان. يارىدارلار كۇئەتتا دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.