ئامېرىكا كەركۈك توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن كەركۈك توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا كەركۈك توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پېنتاگوننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشخانىسى باياناتچىسى ئوفېستىر ئادرىيان رانكىنە گاللوۋېي (Adrian Rankine Galloway) مۇنداق دېدى: «ئالاقىدار تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن تىگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە، شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان ۋە ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا چاقىرىمىز. قايسى تەرەپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر زوراۋانلىققا قەتئىي قارشىمىز.»

ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئوفېستىر گاللوۋېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىراق كۈرت (كورت)رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق رېفېراندۇم ئۆتكۈزدى، نەتىجىدە رايوننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى، شۇڭا ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىراق ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشتۇر.»

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دائېشقا زەربە بېرىشكە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان ئوفېستىر گاللوۋېي رايوندىكى بارلىق دۆلەت ۋە كۈچلەرنىمۇ پۈتۈن دىققىتىنى دائېشقا زەربە بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر