ياپونىيەدە يانار تاغ ھەرىكەتكە ئۆتتى

ياپونىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىننموئېداكې يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ياپونىيەدە يانار تاغ ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  شىننموئېداكې يانار تېغى ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1.7 كىلومېتىر ئېگىزلىككە كۈل بۇلۇتلىرى ئۆرلىگەن.

ياپونىيەنىڭ «‹ TBS› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يانار تاغدىن چىققان كۈل بۇلۇتلىرى 4 شەھەرنى قاپلاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «تىنچ ئوكياندىكى ئاتەش چەمبىرى» ناملىق يەر تەۋرەش ۋە ۋولقان سىزىقىغا جايلاشقان ياپونىيەدە 100 دىن ئارتۇق پائال ھالەتتىكى يانار تاغ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر