ئاۋسترالىيەنىڭ زور مىقداردىكى ھەربىي مەخپىيەتلىكىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئاۋسترالىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئالاقىدار 30 گېگابايت مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ «Alf» تەخەللۇسلۇق بىر تور ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئاۋسترالىيەنىڭ زور مىقداردىكى ھەربىي مەخپىيەتلىكىنىڭ  ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە تاراتقۇسى ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە كۆزىتىش ئايروپىلانلىرى، شۇنداقلا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تەۋە 30 گېگابايت ئېغىرلىقتىكى مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەدە قويۇلغان «Home and Away» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قەھرىمان «Alf» ئىسمىنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن بىر تور ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن ئوغرىلانغان.

2016 – يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئوغرىلانغان مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ 17 مىليارد دوللارلىق F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، 4 مىليارد دوللارلىق P-8 Poseidon كۆزىتىش ئايروپىلانلىرى ۋە C-130 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلانلىرى شۇنداقلا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، مەخپىي ئۇچۇرلارنى كىمنىڭ ئوغرىلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى كرىستوفېر پاينې، «كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىر قانچە ئاكتىيوردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. دۆلەت چېتىشلىق بولۇشىمۇ بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. باشقا شىركەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر كىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، مەزكۇر مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن خەۋپ ئەمەسلىكىنى، كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «Alf» تەخەللۇسلۇق تور ھۇجۇمچىسىنىڭ ھەربىي ئۇچۇرلارنى قانداق قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر