«ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوراللاندۇرۇشى چوڭ ئەندىشە ياراتتى»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نى قوراللاندۇرۇشىنىڭ چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوراللاندۇرۇشى چوڭ ئەندىشە ياراتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جانىقلى گىرۇزىيەدە چاقىرىلغان «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نى قوراللاندۇرۇشى توغرۇلۇق توختىلىپ ۋە ناتو نىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نى قوراللاندۇرۇشى چوڭ ئەندىشە ياراتتى. بۇ قورال – ياراغلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. دېمىسىمۇ بۇ قورال – ياراغلار ئاللىقاچان تۈركىيەگە كىرىشكە باشلىدى. شۇڭا مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. »

ناتو نىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە رولىنى تېخىمۇ ئاكتىپچانلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇشى، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە پىلان لايىھەلەرنى تۈزۈپ، دەل ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن جانىقلى، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا  تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى، جۈملىدىن تېررورىزمنىڭ خەلقئاراغا يامراپ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر