سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك كېڭىشى باشلىقى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇپ يوللىدى

سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك كېڭىشى باشلىقى رىياد سەيف، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېستىن راققەدىكى ئۆي – مۈلۈك رويخەتلىرى ۋە نوپۇس تىزىملىكىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك كېڭىشى باشلىقى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رىياد سەيفنىڭ باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسغا مەكتۇپ يوللاپ، سۈرىيە خەلقىگە دوست دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ راققەدىكى مەزكۇر ماتېرىياللارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدا رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇ مەكتۇپىدا، «ئۆي – مۈلۈك رويخەتلىرى ۋە نوپۇس تىزىملىكلىرى ساقلىنىۋاتقان ئامبارلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە بۇ مەقسەتتە ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىشىڭىز، قانۇنىي، ئەخلاقىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز زۆرۈر بولماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

رىياد سەيف، مەزكۇر ماتېرىياللارنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلە نۆۋەتتە رايوننى كونتروللۇقىدا تۇتۇۋاتقان مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر سېپىدىن ئورۇن ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

راققەدىكى مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن، بىر ھەيئەت تەشكىللەشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن رىياد سەيف، بۇ ئارخىپلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ باشقۇرۇش ساھەسىدە تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ راققەدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر