پاكىستاندا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

پاكىستان سايلام كومىتېتى ئۆكتىچى ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىمران خان ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

پاكىستاندا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى باياناتچىسى نەيمۇل ھەق، پاكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ ئىمران خان ئۈستىدىن تۇتۇش ۋە 26 – ئۆكتەبىر كۈنى كومىتېتتا سوراق قىلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى، ئەمما پارتىيەسىنىڭ كومىتېت ئۈستىدىن ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئاەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاكىستان سايلام كومىتېتى ئىمران خاننىڭ پارتىيەسىنى مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان چەت ئەلنىڭ ياردىمىنى ئېلىش بىلەن ئەيىبلىەيدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىمران خان سايلام كومىتېتىنىڭ سوتلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، كومىتېت ئۈستىدىن ئىسلامئاباد ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، مەھكىمە 14 – سېنتەبىر كۈنى سايلام كومىتېتىنىڭ  ئىمران خان ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر