فىرانسىيەدە مەمۇرلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەدە 5.4 مىليون مەمۇر ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ھەق – ھوقۇقلارغا چەكلىمىگە قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەدە مەمۇرلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقانلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىن مىللىي مەيدانغا قاراپ ئىلگىرىلىدى ھەمدە: «ئاممىۋى ھەق – ھوقۇقلارغا زەربە بېرىلىشىگە خاتىمە بېرىلسۇن»، «دۆلەتلىك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ شەرت – شارائىتىنى قايتىدىن ياخشىلايلى»، «ماكرون ئاممىۋى بۆلۈنۈشنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشتىن كېيىن ئۆزلىرىنى «ئاشقۇنلار گۇرۇھى» دەپ ئاتىۋالغان ۋە قارا كىيىم كىيىۋالغان بىر گۇرۇپپا بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

ساقچىلارغا شېشە ۋە پارلاتقۇچلارنى ئاتقان نامايىشچىلار يول بويىدىكى ئىككى بانكىنىڭ دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتتى.

بەزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىغا توسۇقلارنى ئورنىتىپ، مەمۇرلارنىڭ نامايىشىنى قوللىدى. پارىژنىڭ 11 – رايونىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر ئەخلەت يىغىۋېلىش ساندۇقىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

پارىژدىكى مامتېس، ليون، لىللې، تولوسې، مارسىليا ۋە ستراسبۇرگ قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە 9 مەمۇرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن 70 نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشلارغا، ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 55 مىڭ كىشى، نامايىشلارنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 400 مىڭ كىشى قاتناشقان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ  كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە 120 مىڭ مەمۇرنى ئىشتىن بوشىتىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مەمۇرلار، بولۇپمۇ خىزمەت شەرت – شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە مائاشلىرىنىڭ تۆۋەنلەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا ئىكەن.

فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلار كۈندىلىك ھاياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە قاتناش پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بولۇپمۇ مېترو ۋە ئايرودۇرۇم ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوللىشى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئايرودۇرۇملاردىكى ئۇچۇشلارنىڭ % 30 تى بىكار قىلىنغان.

ئىلگىرى ساقچىلارمۇ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھالەت سەۋەبىدىن خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پات - پات نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ ئالدىنقى ئايلاردا ھۆكۈمەتنىڭ نورمال قانۇن چىقىرىش باسقۇچىنى ئىشلەتمەستىن قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان قارارنامىلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئەمگەك بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر